Noruz Tantanisi

演唱:Sali、Muhtar
نورۇز كەلدى باھار كەلدى
كەڭ دالىلار ياساندى ئۇز
ھايات بولماق قەلىبلەر شاد
يىگىت ئىشچان ۋاپادار قىز
باھارنى چىللىغان نورۇز
ھاياتنى گۈللىگەن نورۇز
مۇھەببەت ھەم ئىناقلىقنى
يۈرەكتىن كۈيلىگەن نورۇز
نورۇز باھار يىلنىڭ بېشى
يېڭى ھايات باشلايدىغان
ئۈمۈد بىلەن مەنزىل تامام
قۇتلۇق قەدەم تاشلايدىغان
تەبىئەتتە ھەر بىر گىياھ
كۆكلەم بىلەن بولدى غۇنچە
يېشىللىققا تەشنا دىللار
نورۇز كېلىپ كۈلدى شۇنچە

你可能喜欢