Layli Majnun

演唱:AmatjanHasan
چاقچاق قىلسام ئامرىقىم
چۈشەنمەيسەن قەلبىمنى
ئويلانمايلا قىلچىلىك
ئىنكار قىپسەن مەيلىمنى
جاھاندا ئىككى ئاشىقنىڭ
بىرى مەن ھەم بىرى مەجنۇن
جاھاندا ئىككى دىلبەرنىڭ
بىرى سەن ھەم بىرى لەيلى
مەھەللەڭدىن كىتەلمەيمەن
چىڭ باغلانغان رىشتىمىز
مىنى قەستەن تاشلىما
قىنى بىزنىڭ ۋەدىمىز
جاھاندا ئىككى ئاشىقنىڭ
بىرى مەن ھەم بىرى مەجنۇن
جاھاندا ئىككى دىلبەرنىڭ
بىرى سەن ھەم بىرى لەيلى
دىلدىن سۆيگەن يارىنى
تاشلاپ كەتكەن نەدە بار
ساڭا كۆيگەن قەلبىمدە
مىڭ قۇياشنىڭ تەپتى بار
جاھاندا ئىككى ئاشىقنىڭ
بىرى مەن ھەم بىرى مەجنۇن
جاھاندا ئىككى دىلبەرنىڭ
بىرى سەن ھەم بىرى لەيلى
بىرى سەن ھەم بىرى لەيلى

你可能喜欢